رۇسىيەدە يەنە بىر خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلدى


2006.06.07

يېقىندا رۇسىيىنىڭ كېمېروۋ شەھىرىدە بىر خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بۇ يەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ دېلونى تېز بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ فامىلىلىك بۇ خىتاي پۇقراسى رۇسىيىنىڭ كېمېروۋ شەھىرىدىكى خىتاي بازىرىدا تۇرۇشلۇق بولۇپ، ئۇ 5‏-ئاينىڭ 24‏- كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدىن 4 مىليون رۇبلى ئوغرىلاپ كېتىلگەن. خىتاينىڭ يېكاتېرىنابۇرگتىكى كونسۇلخانىسى رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ قاتىلنى تېز قولغا چۈشۈرۈپ ئۇنى قانۇن بويىچە ئېغىر جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

رۇسىيە دائىرىلىرى بولسا، كېمېروۋدىكى خىتاي بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ رۇسىيە ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ يەردىكى خىتاي سودىگەرلىرىنى قانۇنلۇق تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىشقا چاقىردى.

گەرچە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خەۋىرىدە، ليۇنىڭ قانداق سالاھىيەت بىلەن رۇسىيىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ رۇسىيىدىكى تىجارىتىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىسىمۇ، لېكىن رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ھەتتا رۇسىيىدىكى بىر قىسىم جايلاردا خىتايلارغا قارشى ئۆچمەنلىك كەيپىياتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.