رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، رۇسىيىنىڭ كېلەر 20 يىللىق نوپۇس تەرەققىيات سىياسىتى ھەققىدىكى بىر ھۆججەتكە ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ ھۆججەت بىر تەرەپتىن ئۆلۈم - يېتىمنى ئازايتىش ۋە رۇسىيىلىكلەرنى كۆپرەك تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيىگە كۆچمەن قوبۇل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
لېكىن رۇسىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن كۆچمەن قوبۇل قىلىنىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىغا بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن خىتاينى كىرگۈزمىدى. بۇ ھۆججەت رۇسىيە نوپۇسى كېمىيىپ كېتىشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە 1015 - يىلغىچە رۇسىيە نوپۇسىنى 142 - 143 مىليون ئارىلىقىدا ساقلاپ قېلىش، 2025 - يىلغىچە 145 مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان.
ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، سىرتتىن كۆچمەن قوبۇل قىلىنىدىغان دۆلەتلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن. لېكىن ئانالىزچىلار، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئۇكرائىنىيە ۋە بلارۇسىيىلەرنىڭ نوپۇسى چەكلىك بولغانلىقتىن، رۇسىيىگە كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى يەنىلا چەكلىك بولۇپ، ئۇلار رۇسىيىنى ئېھتىياج بولغان كۆچمەنلەر بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا رۇسىيە خىتاي كۆچمەنلىرىگە يۈزلىنەمدۇ ؟ رۇسىيىلىك ئانالىزچىلار بولسا بۇ ئېھتىماللىقنى رەت قىلدى. رۇسىيىلىك نوپۇسشۇناس ۋېشىنىفسكىي، "خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق رۇسىيىدىكى نوپۇس كرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ خېيىم - خەتىرى ناھايىتى زور..... چۈنكى زور كۆلەملىك خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت،" دەيدۇ. (ئەركىن)