ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىر خىتاي ئاشخانىسىدىن 12 قانۇنسىز خىتاي كۈچمەننى قولغا ئالدى

ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوخايو شىتاتىدىكى خېلى داڭقى بار بىر خىتاي ئاشخانىسىغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ يەردىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىرگەن 12 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى تۇتقان. مەلۇم بولۇشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسى 15 يىلنىڭ ئالدىدىلا بۇ خىتاي ئاشخانىسىنىڭ خوجايىنىنى ئامېرىكىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىغان ئىكەن. لېكىن ئۇ بۇ بۇيرۇققا رىئايە قىلمىغان.

ئامېرىكا NBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ئاشخانا ئەتراپىدىكى ئامېرىكىلىقلارنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ئاشخانىدىكىلەرنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىدىن قىلچىلىك خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ قانداق قىلىپ تىجارەت ۋە مال-مۈلۈك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالغان.

ئاشخانا خوجايىنىنىڭ بۇ يەردە ھەتتا سېتىۋالغان ئۆي-جايلىرى بار ئىكەن. يېقىندا بۇ 12 كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىلماقچى. ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى 3‏-ئايدا چىقارغان بىر پارچە دوكلاتىدا ھازىر ئامېرىكىدا 39000 قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)