جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى نو - مۇ -خيۇن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كورىيە قەدىمقى زامان تارىخىنى بۇرمىلىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەنۇبىي كورىيە يونخاب ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت نو -مو-خيۇن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان كېلىشىملەر بۇيىچە زۆرۈر تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نو -مو-خيۇن بۇ سۆزلەرنى فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا چاقىرىغان ئاسىيا - ياۋروپا يىغىنى ئارىسىدا ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچراشقاندا قىلغان بولۇپ، ۋېن جياباۋ خىتاي - كورىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە زۆرۈر تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، كورىيىنىڭ قەدىمقى كوگۇريو ۋە بالى خانلىقلىرىنى خىتايغا تەۋە يەرلىك بەگلىكلەر، دەپ جاكارلىغان ئىدى. جەنۇبىي كورىيىنىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لىي كيۇ خيۇن، سېيول ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا دىپلوماتىك ئىنكاس قايتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كورىيە قەدىمقى زامان تارىخىي ھەققىدىكى يەكۈنى كېلەچەكتە كورىيە - خىتاي چېگرىسىنى ئايرىش مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)