ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئاگاھلاندۇردى
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى، 21 - ئاۋغۇست باش خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى سودا مىنىستىرى مەندېرسىن ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارادا خىتاي ماللىرىغا نىسبەتەن ئەنسىزلىك " خىتايدا ئىشلەنگەن" ماللارغا نىسبەتەن خەلقئارادا چەكلەش پەيدا قىلدى دەپ كۆرسەتكەن باھانىسىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، خىتاينى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پەيدا بولغان بېسىمغا قارشى ئۆچ ئېلىش پوزىتسىيىسىدە بولماي ،مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 19 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي سۈپەت تەكشۈرۈش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى لى چاڭجاڭ ، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ " چەت' ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقان خىتاي ماللىرىنىڭ % 99 ئى سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن ، بولۇپمۇ بىزنىڭ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىمىز ھەمدە يېمەك -ئىچمەكلىرىمىز ئۆلچەمگە لايىق " دېگەن ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا مىنىستىرى ماندېرسىن لى چاڭجاڭنىڭ بۇ بايانلىرىغا بىۋاستە رەددىيە بەرگەندىن باشقا ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بارلىق سۈپەتسىز خىتاي ماللىرىنى قايتۇرۇۋېتىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ماتتېل شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بايقىغانلىقىنى پاش قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا 20 مىليون دانە خىتاي ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىش ھەركىتىنى باشلىغاندىن بۇيان ، ئامېرىكىدىن باشقا ياۋرۇپا ۋە بەزى ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ خىتاي ماللىرىغا قارىتا ئاگاھ بولۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. دۇنيا بازىرىدا خىتاي ماللىرىغا قارىتا قىزىل چىراق يېقىلىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى بارغانچە جىددىيلەشمەكتە.(گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خوڭكوڭ سودىگەرلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنىڭ "قۇربانى بولۇش"تىن ئەنسىرەيدۇ
- ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتايدىن نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشتا جىددى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا ماتتېل شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىن20 مىليون تال خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋالدى
- پېرۇ خىتايدا ياسالغان 60 توننا ئويۇنچۇقتا زەھەرلىك ماددا بايقىغان
- رۇسىيە خىتاي بىلەن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى رەت قىلغان
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىگە قارشى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىشىپ دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بەردى
- ئالاتاۋدا ئۆلچەمگە يەتمىگەن خىتاي چىش پاستىلىرى ئېكىسپورت قىلىشتىن چەكلەندى