خىتاينىڭ Unocal نى سېتىۋېلىش ئارزۇسى سىياسى توسالغۇغا دۇچ كەلدى


2005.06.24

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۈمە كۈنى تەكىتلىشىچە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي دېڭىز - ئوكيان نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا نېفىت شىركىتى Unocal سېتىۋېلىش سودىسى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن. دائىرىلەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا نېفىت سانائىتىگە قول تىققانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى چارلوس گۇتىررىز، جوڭگو دېڭىز - ئوكيان نېفىت شىركىتىنىڭ Unocal نى 18 يېرىم مىليارد دوللارغا سېتىۋېلىش سودىسى ھەققىدە توختىلىپ، " ئامېرىكا كارخانىلىرىنى سېتىۋېلىش جەريانى بىر مۇساپە، بۇ مۇساپىدە چەتئەل مەبلىغى تەكشۈرۈلىدۇ شۇنداقلا بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما گۇتىررىزنىڭ تەكىتلىشىچە، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى بۇ يەردە ئويلىشىدىغان بىردىن بىر مەسىلە ئەمەسكەن. جوڭگو دېڭىز- ئوكيان نېفىت شىركىتى، كالىفورنىيىدىكى ئامېرىكا نېفىت شىركىتى Unocal غا 18 يېرىم مىليارد دوللار باھا قويغان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا نېفىت شىركىتىنى تىزگىنلەش نىيىتىگە قارشى بۇش ھۆكۈمىتى ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن. شېۋرون شىركىتى Unocal نى سېتىۋالماقچى بولغان. ئەمما خىتايلار يۇنوكالغا بىر يېرىم مىليارد دوللار ئۈستىن باھا قويدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلار، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ Unocal نى سېتىۋېلىش سودىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.