خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاياق كىيىملەردە زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ بولۇشى مۇمكىن


2005.12.19

سەيشەنبە كۈنى، ئىتالىيىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى فرانسىسكو ستورىج خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاياق كىيىملەرنىڭ زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلارنى تارقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياۋرۇپا ئىستىمالچىلار بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە بويسۇنمايۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىدى.

ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرى، ئىتالىيىدە چىقىدىغان " ئىل مەسىجىرو" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېچقانداق ساغلىق قائىدىلىرىگە ھۆرمەت قىلمىغان ھالدا ئىشلەپچىقىرىلماقتا، دېگەن. ئۇ، 15 دېكابىر كۈنى ئىتالىيە پورتلىرىدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم ئاياق كىيىملىرىنىڭ، تەركىبىدە خەتەرلىك خىمىيىۋى ماددىلار بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيە سەھىيە مىنستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسادىرە قىلىنغان خىتاي ئاياق كىيىملىرىدىكى زىيانلىق خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ مىقدارى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلچەملىرىدىن تۆت ھەسسە كۆپ ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيىنىڭ ئاياق كىيىم ئىشلەپچىقۇرغۇچىلىرى ئىتالىيە سەھىيە مىنستىرىنى خىتاي ئاياق كىيىملىرىدە ئىشلىتىلگەن خىمىيىۋى ماددىلار مىقدارىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.