ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاي تاۋارلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش قانۇن لايىھىسىدىن ۋاز كەچتى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى پەيشەنبە كۈنى خىتاي ماللىرىدىن جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىش قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇشتىن ۋاز كەچتى.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى كېلەر يىلنىڭ مەلۇم مەزگىلىگىچە كېچىكتۈرۈلگەن. كېڭەش پالاتا ئەزالىرى چارلىز شۇمىر ۋە لىندسېي گراھاملار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ قانۇن لايىھىسى، ئەگەر خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشىمىسە، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان خىتاي توۋارلىرىدىن 5.27 پىرسەنت تاموجنا بېجى ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان.

قانۇن لايىھىسى ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم كېچىكتۈرۈلدى. ئاخىرقى پىلاندا 30 - سېنتەبىرگىچە ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن چارلىز شۇمىر بىلەن لىندسېي گراھام جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز گراسلېي ۋە ماكس باۋكۇسلار بىلەن بىرلىشىپ، ئەگەر خىتاي خەلق پۇلىنى تەڭشىمىسە، قانۇن لايىھىسىنى كېلەر يىلى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز گراسلېي، بۇ "خىتايلارغا كۈچلۈك بىشارەت بېرىشى مۇمكىن"دەيدۇ.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇ قانۇن لايىھىسىدىن ۋاز كېچىپ، مالىيە مىنىستىرى پائۇلسېننىڭ خىتاينى قايىل قىلىشىغا ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)