خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2008.03.13
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، مەزكۈر دوكلاتتا ئۆتكەن يىل ۋە ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنىنى، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە ناچار ئالدىنقى 10 دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىدىن قايناقلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ " كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى" نى قاتتىق تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمى 139 بەتلىك بولۇپ، مەزكۈر دوكلاتتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر مۇستەبىت دۆلەت ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان بىر پارتىيىلىك دۆلەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي جەھەتتە قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن جازالاش، قەستەن ۋە قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىش ھەرىكەتلىرى تەنقىد قىلىنغاندىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسى دوكلاتى ئېلان قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيانىڭ ئادۋوكاتى يوقاپ كەتتى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ": كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى"
- خىتاي ئولىمپىك ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش بېسىمىغا ئىزچىل دۇچ كەلمەكتە
- خىتاي ئەرزدارلار، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئوچۇق خەت ئەۋەتتى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندى ۋاپات بولدى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىدى
- خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تىزلىكتە ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى خىتايدىن تۈرمە ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى