كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۋېتسارىيە بانكىسىنى خىتاي نېفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىردى


2007-10-22
Share

خوللىۋۇد ئارتىسى مىيا فاروۋ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنى قوللىغۇچى ئەرباپلار ۋە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بىر قىسىم زاتلار شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكىلار گۇرۇھىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر بانكىنى خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز پاي چېكى چەكلىك شىركىتىنىڭ شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا پايچىك تارقىتىش پىلانىغا ئارىلىشىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز پاي چېكى چەكلىك شىركىتىگە پايچىك بولۇپ، جۇڭگو نېفىت ‏- تەبئىي گاز گۇرۇھى سۇدان نېفىت ئىگىلىكىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى كارخانا ئىدى. بۇ خەتكە ب د ت نىڭ رۇۋاندادىكى تىنچلىقنى قوغدىغۇچى قىسىمىنىڭ سابىق قوماندانى، كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى داللېر ۋە ب د ت سۇدان مەسىلىسىدىكى سابىق كېلىشتۈرگۈچى ئەمەلدارى كابىلالار ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلار شۋېتسارىيە بانكىسى بىلەن خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەتكە ئىمزا قويغۇچى زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى سۇدان ھۆكۈمىتىنى مالىيە كىرىمى بىلەن تەمىنلەپ، خارتۇم ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىقىغا ياردەم بەرمەكتە. ئۇلار يەنە، خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھىنى سۇداندىكى يەرلىك خەلقنى نېفىت چىقىدىغان رايونلاردىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە ئارىلاشقان،دەپ ئەيىبلىدى.

جۇڭگو نېفىت ‏- تەبئىي گاز گۇرۇھى سۇدانغا مەبلەغ سالغان كارخانا بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت - تەبئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ خىتاي شىركىتىدۇر. لېكىن شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكىلار گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت ‏- تەبئىي گاز گۇرۇھى جۇڭگو نېفىت ‏- تەبئىي گاز پاي چېكى شىركىتىگە پايچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى كارخانا قانۇنى ۋاكالەتچىسى ئايرىم - ئايرىم ئىككى شىركەتتۇر، دەپ ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۇدانغا خېرىدار شىركەت بىلەن بېرىش - كېلىش قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت