خوللىۋۇد ئارتىسى مىيا فاروۋ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنى قوللىغۇچى ئەرباپلار ۋە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بىر قىسىم زاتلار شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكىلار گۇرۇھىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر بانكىنى خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز پاي چېكى چەكلىك شىركىتىنىڭ شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا پايچىك تارقىتىش پىلانىغا ئارىلىشىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.
خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز پاي چېكى چەكلىك شىركىتىگە پايچىك بولۇپ، جۇڭگو نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى سۇدان نېفىت ئىگىلىكىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى كارخانا ئىدى. بۇ خەتكە ب د ت نىڭ رۇۋاندادىكى تىنچلىقنى قوغدىغۇچى قىسىمىنىڭ سابىق قوماندانى، كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى داللېر ۋە ب د ت سۇدان مەسىلىسىدىكى سابىق كېلىشتۈرگۈچى ئەمەلدارى كابىلالار ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلار شۋېتسارىيە بانكىسى بىلەن خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەتكە ئىمزا قويغۇچى زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى سۇدان ھۆكۈمىتىنى مالىيە كىرىمى بىلەن تەمىنلەپ، خارتۇم ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىقىغا ياردەم بەرمەكتە. ئۇلار يەنە، خىتاي نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھىنى سۇداندىكى يەرلىك خەلقنى نېفىت چىقىدىغان رايونلاردىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە ئارىلاشقان،دەپ ئەيىبلىدى.
جۇڭگو نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى سۇدانغا مەبلەغ سالغان كارخانا بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت - تەبئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ خىتاي شىركىتىدۇر. لېكىن شۋېتسارىيە بىرلەشمە بانكىلار گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت - تەبئىي گاز گۇرۇھى جۇڭگو نېفىت - تەبئىي گاز پاي چېكى شىركىتىگە پايچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى كارخانا قانۇنى ۋاكالەتچىسى ئايرىم - ئايرىم ئىككى شىركەتتۇر، دەپ ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۇدانغا خېرىدار شىركەت بىلەن بېرىش - كېلىش قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)