خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى


2007.04.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

جۈمە كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە تېخىمۇ كۆپ دىققەت-ئېتىبار جەلىپ قىلىش ئىشلىرىنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"خىتاي ئۆلۇم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى" دەيدۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى Irene Kahn مۇخبىرلارنى كۆتىۋىتىلىش يىغىنىدا. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى پەقەت ئۆلۇم جازاسى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئىپادىلەنمەيدىغانلىقىنى، يەنە "ئولىمپىك روھى" غا مۇخالىپ كېلىدىغان پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 27 ‏- ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىجرا قىلىنغان 1591 ئۆلۈم جازىسىنىڭ 1051سى خىتايدا يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا خىتايدا ئىجرا قىلىنغان ئۆلۇم جازاسى 7 مىڭدىن 8 مىڭغىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

Irene Kahn خىتايدا پارىخورلۇق قىلغان كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "روشەنكى خىتاي بېسىم ئاستىدا."

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا دۇنيادا يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.