30- ئاپرىل خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشنى كوزۇر قىلىپ تۇرۇپ جەمئىيەتتىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قاتتىق باستۇردى دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئولىمپىك يىغىننىڭ خىتايدىكى تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ئىشلىرىغا تۇتۇرۇق بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى Catherine Barber مۇنداق دېدى: "ئۆلۇم جازالىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان يەنە بىر قاتلام ئەدىلىيە تەكشۈرۈش تەرتىپى، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا نىسبەتەن چەكلىمىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئازراق بولۇشى قاتارلىقلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ھۆرمەتنىڭ ياخشىلىنىشى جەھەتتىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان يېرى، سوت ئاچماي تۇتۇپ تۇرۇش خاھىشلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ‘رېجىمغا ئېلىش’، دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېتكە بولغان قاتتىق كونتروللۇقلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىۋەتمەكتە".
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىغا رەدىيە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 30 - ئاپرىل بەرگەن خەۋەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: "خۇسۇسي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان غەيرىي سىياسىي مۇددىئا يوشۇرۇنغان دوكلاتلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى يۈكسىلىشلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالالمايدۇ" دېگەن.
لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى چوقۇم 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنىغا قەدەر خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.(جۈمە)