خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى


2007.11.30

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا تۇتقان ئەسەبىي مۇئامىلىسىگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جاكس روگېغا يازغان خېتىدە "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېلەر يىلى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مىڭلارچە مۇخبىرنى بىر تەرەپ قىلىش پىلانى تۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر كىشىنى "بىئارام قىلىدىغان خەۋەرلەر" ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى روبېرت مېنارد، " شۇ نەرسە ناھايىتى ئايدىڭكى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ۋە ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارنى يېقىندىن كونترول قىلىش قارارىغا كەلگەن" دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىلنىڭ باشلىرى بەزى مەتبۇئاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت خەۋەر بېرىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئۇچۇر ئامبىرى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى رەت قىلماقتا.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى روبېرت مېنارد، خەۋەرلەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرى قۇرغانلىقىنى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ مۇخبىرلارغا سالاھىيەت بەرگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خېتىدە يەنە، رەھبەرلىكنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىغا ئولىمپىك جەريانىدا نامايىش قىلىش ئېھتىمالى بار گۇرۇھلارنى ئېنىقلاش يوليورۇقى چۈشۈرگەنلىكى ۋە بۇ خىتايغا كىرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى توسۇپ قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.