" ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ "
2008.01.28
ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىغا بارمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كىيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئەنگىلىيە شاھزادىسىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى ھەرقانداق شەكىلدە بايقۇت قېلىشىنىڭ بىر "ئادالەتسىزلىك" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ خۇي: "بىز تېخى شاھزادە چارلىزنىڭ بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق. مېنىڭچە، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئادالەتسىز بىر قىلمىش" دېگەن.
ئۇ يەنە، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ پەقەت خىتايغا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ شوئارىنىڭ "بىر دۇنيا، بىر غايە" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەسلىدە تىبەتكە ئازادلىق تەشكىلاتى ئەنگىلىيە شاھزادىسىگە مەكتۇپ يوللاپ بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شاھزادىنىڭ مۇئاۋىن خۇسۇسي كاتىپى كلايۋ ئالدېتون تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەكتۇبىغا جاۋاب يوللاپ، ئەنگىلىيە تەخت ۋارىسىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمىغا بارمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: " سىلەر ئەنگلىيە شاھزادىسىنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى سوراپسىلەر، شاھزادە ئالىيلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ ."
ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىز تىبەت مەسىلىسىگە ئەزەلدىن يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 2004- يىلى خان سارىيىدا تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- گوللاندىيىدىكى ئولىمپىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن خىتاينى بىئارام قىلدى
- گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەتنى تارتتى
- خەلقئارا ساقچى: تېررورچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن
- ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا
- خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى
- ئۇيغۇر ئىلى بوكس ماھىرلىرى چىكاگودا زەپەر قۇچتى
- خوڭكوڭ دېموكراتىيە رەھبىرى لى جۇمىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى بىر قىسىم تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن