پاكىستان بىلەن خىتاي سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتتى
2004.12.15
خىتاي بىلەن پاكىستان چارشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا -ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينى بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت دەپ تونۇيدىغانلىقىنى جاكالىغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىزگە پاكىستاننىڭ يادرو ئېنىرگىيە ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، 150 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ چارشەنبە كۈنى 7 تۈرلىك كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. كېلىشىملەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسۋىتىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار بولۇپ، بىراق ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلان قىلمىدى. خىتايدىكى زىيارىتىنى سەيشەنبە كۈنى باشلىغان شاۋكەت ئەزىز، چارشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاخىرقى كۈنلەردە پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ۋېن جياباۋ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقى، تەرورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي پاكىستاننى قورال - ياراق بىلەن تەمىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم دۆلەت. ئامىركا خىتاينى پاكىستانغا يادرو ئەسلىھەلەر ساتماسلىق ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. پاكىستان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى پاكىستاندىكى پائالىيىتىنى چەكلىگەن. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ 2004 -يىلى 8 - ئايدا تاشقورغاندا بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارغان ئىدى.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز خىتاينى زىيارەت قىلدى
- خىتاي دائىرىلىرى پاكىستاندىكى توسما قۇرۇلۇشنى ۋاقتىنچە توختاتتى
- پاكىستان بىلەن خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى
- خىتاي، پاكىستان ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلەشمە ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزدى
- پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىۋەتتى