خىتاي بىلەن پاكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزمەكچى

بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەن ئىدى.

شىنخۇا تور بېتىنىڭ 10 - دېكابىر خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ، دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 18 كۈنىگىچە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزمەكچى.

"دوستلۇق 2006" دەپ نام بېرىلگەن بۇ بىرلەشمە مانېۋردا ئىككى تەرەپ ھەربىي قىسىملىرى، تېررورلۇققا بىرلىكتە زەربە بېرىشنى ئاساس قىلغان بىرلەشمە مانېۋېر ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاي بىلەن پاكىستان ھەمكارلىقىدىكى بىرلەشمە مانىۋېرلار بۇرۇنمۇ مەخپى ھەمدە ئاشكارا ھالدا بىر قانچە قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقتىكى بۇ خىل بىرلەشمە مانىۋېرلار يەنە ئۈچ خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىشنىمۇ مەقسەت قىلغان بولۇپ بۇ ئاساسەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (گۈلچېھرە)