خىتاي، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا يوشۇرۇنغان 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ھىندىستاندا چىقىدىغان كۈندىلىك ۋاقىت گېزىتىنىڭ، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى خادىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، "پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىلىتانلارنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك" دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەزاسىنىڭ پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدا پائالىيىتى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
گەرچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەسرىن ئەسلەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر تەلىپىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي ئۆتمۈشتە ئىسمائىل سەمەت، مۇھەممەت توختى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بەزىلىرىنى بولسا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكسىتان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىسمائىل سەمەتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشى ھەمدە مۇھەممەت توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى خەلقئارا جامائەتنىڭ ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.(ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي يېقىندا پاكىستان بىلەن ئالەم بوشلۇقى، مائارىپ جەھەتلەردە 13 خىل كېلىشىم ئىمزالىدى
- پاكىستان خىتاينىڭ غەربىي رايونىنىڭ تاشقى سودا ۋە ئېنېرگىيە مەسىسىلىدە رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ھىندىستاندىن پاكىستانغا كېتىۋاتقان پويىز پارتلاپ 60 نەچچە كىشى ئۆلدى
- خىتاي بىلەن پاكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋېر ئۆتكۈزمەكچى
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ پاكىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- خىتاي بىلەن پاكىستان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى
- خۇ جىنتاۋ پاكىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
- پاكىستان بىلەن خىتاي ئېنېرگىيە ۋە نېفىت تەبىئى گاز تۇرۇبا كېلىشىمى ئىمزالىدى