پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تېررورلۇققا قارشى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا كەلدى


2007.06.25

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىگە ئاتالمىش تېررور گۇماندارلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا بېسىم قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 25- ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارى، خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافتابخان شېرپا دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جۇ يۈنكاڭ ۋە باشقا خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە پاكىستاندا ياشاپ، خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ خىتاي زىيارىتى، پاكىستاندىكى بىر يەر ئاستى پاھىشىخانىسىدىن پاكىستاندىكى تالىپلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي ئايال قويۇپ بېرىلىپ بىر كۈندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 25‏- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پاكىستاندىكى بىر قەبىلە ئارىسىغا يوشۇرۇنغانلىقى تەخمىن ئېتىلگەن 22 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا پاكىستانغا بېسىم ئىشلەتكەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋەد ئىقبال چېما، يەكشەنبە كۈنى ئىسلامئاباتتا، خىتاينىڭ تېخى مەزكۇر ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

جاۋەد ئىقبال: "خىتايلار تېخى بىزدىن بىرەر ئادەمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار دېمىدى ھەمدە ئىسىم تىزىملىكى بەرمىدى" دېدى.

ئۇ يەنە، ئەرەب، ئافغان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيالىق قوراللىق كۈچلەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پاكىستاندىكى قەبىلە رايونىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بار ‏- يوقلۇقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنىمۇ بىلدۈردى.

جاۋەد ئىقبال يەنە، پاكىستاندا قولغا چۈشكەن ھەرقانداق چەتئەللىكنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.