پاكىستاندىكى"كۈندىلىك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنكى سانىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاپتاپ خان شەرپونىڭ خىتاي زىيارىتىدە، خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ يۇڭكاڭ پاكستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى قىزىل مەسچىت تالىپلىرىنىڭ خىتاي پاھىشىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 خىتاينى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئاپتاپ خان شەرپودىن پاكىستاندىكى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
" كۈندىلىك ۋاقتى" گېزىتى، خىتاي ج خ مىنىستىرىنىڭ قىزىل مەسچىت تالىپلىرىنى " تېررورچىلار "دەپ ئاتىغانلىقىنى ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن بۇ "جىنايەتچىلەر " نى جازالاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى. خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، ئاپتاپ خان شەرپو "پاكىستان،خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ جىددىي تەدبىر ئالىدۇ " دەپ ۋەدە بەرگەن.
لېكىن خەۋەردە، "ئىچكى ئىشلار رمىنىستىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ جىددىي تەدبىر ئالالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى " دەيدۇ. چۈنكى پاكىستان ھۆكۈمىتى، بۇرۇن قەبىلىلەر رايونىدا بىر خىتاي ئىنژېنېرنى گۆرۈگە تۇتۇۋالغان ئابدۇللا مەسئۇدنى ھازىرغىچە تۇتالمىغان ۋە پاكىستان خىتاينى قەدىناس دوست، دەپ ھېسابلىسىمۇ، لېكىن بالۇجىستان ئۆلكىسىدە خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
"كۈندىلىك ۋاقتى" گېزىتى يەنە، پرېزىدېنت مۇشەررەفنىڭ قەبىلىلەر رايونى خىتاينىڭ غەربىي ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر "تېررورچىلار"غا باش پاناھ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىشىگە قارىماي، پاكىستاندىكى ئۆكتىچى سىياسەتچىلەرنىڭ بۇنى قەتئىي رەت قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2001 - يىلى مۇشەررەفنىڭ پاكىستان لاگىرىدىكى 19 نەپەر ئۇيغۇرنى يوقاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە نارازى بولۇپ خەت يازغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. (ئەركىن)