بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ب د ت تەرىپىدىن سىياسى مۇساپىر، دەپ تونۇلغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان پاكىستان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ياردەم قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر، پاكىستاننىڭ ياردىمى مۇساپىرلار ۋەقەلىرىدە پاكىستاندىن كۆڭلى سوۋۇغان ئۇيغۇرلارنى تەسكىن تاپقۇزۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئانالىز قىلىشماقتا.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزۇش بۇيۇملار قاچىلانغان بىر ترانسپورت ئايروپىلانىنىڭ جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى 150 چېدىر، 1000 دانە يوتقان، 5 توننا گۈرۈچ، 200 مىڭ تابلىت سۇ تازىلاش دورىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ يىل 7 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى، ئىلىدا يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى يۈز بېرىپ، 38 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئاپەتلەردە 150 مىليون يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىكى پاكىستان قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئاساسلىقى قۇمۇلدىكى سۇ ئاپىتى بولغان جايلار ۋە 7.5 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىلىدىكى ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستان خىتايلار مەبلەغ سالىدىغان ۋە قورال - ياراقلار سودىسى قىلىدىغان ئەڭ يېقىن شېرىكلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇشتا تايىنىدىغان مۇھىم ئىتتىپاقچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، پاكىستان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەمەت توختى ياكى ئىسمائىل سەمەتكە ئوخشاش ئۆكتىچى مۇساپىرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئېتىپ تاشلىغان. (ئەركىن)