ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى ئەزاسى خىتاي پۇلى ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمى ئاستىلىقىنى سەۋەب قىلىپ، خىتاي توۋارلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش قانۇن لايىھىسى سۇنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمىر ۋە لىندسېي گراھاملارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار كېڭەش پالاتاسىغا خىتاينىڭ ئىمپورت توۋارلىرىدىن 5.27 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىش قانۇن لايىھىسى سۇنۇشقا تەييارلانماقتىكەن. ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسېننىڭ كېلەر ھەپتە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىن بۇرۇن ئېلان قىلدى.
چارلىز شۇمىر ۋە لىندسېي گراھاملارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمى ئىزچىل كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى خىتاينىڭ سودىدا ئادالەتسىز ئۈستۈنلۈكنى ساقلىشىغا ياردەمچى بولماقتا. ئۇلار،" بىز خىتاي پۇلىنىڭ ئىسلاھات قەدىمىدىن بارغانچە ئۈمىدسىزلەنمەكتىمىز " دەيدۇ.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتوننى پۇل مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى سودىدىكى قىزىل رەقەمگە باغلاش ھەر ئىككىلا تەرەپكە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چۇڭ چۈئەن، ئامېرىكا - خىتاي سودىسىدىكى ھازىرقى ئىختىلاپنى "نورمال ھادىسە" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)