دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە باشلاندى


2007.09.10

10- سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، 2007 - يىللىق دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئا گۇرۇپپا بويىچە، گېرمانىيە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە كوماندىسى نۆلگە قارشى 11 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يېڭىپ، دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى تارىخىدىكى ئالاھىدە نومۇر پەرقى رېكورتىنى ياراتتى.

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا ئايلار پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە، جەمئىي، ئامېرىكا، كاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، شۋېتسىيە، يېڭى زېللاندىيە، دانىيە، نورۋېگىيە،، برازىلىيە، ئارگېنتىنا، گانا، نىگېرىيە، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 16 كوماندا قاتنىشىدۇ.

دۇنيا بۇيىچە 11- ئورۇندا تۇرىدىغان خىتاي ئاياللار كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۆز ئورنىنى ئۆستۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، چارشەنبە كۈنى خىتاي كوماندىسى د گۇرۇپپىلار بۇيىچە دانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاياللار كوماندىسىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما سابىق خىتاي ئاياللار كوماندا ئەزالىرىنىڭ باھاسىغا قارىغاندا، خىتاي كوماندىسى بۇ نۆۋەت ئانچە يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.

ئەمما ، سابىق ھۇجۇمچى سۇن ۋېننىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ئاياللار كوماندىسىدا ئوتتۇرا مەيداندا ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىلەر ئاجىز ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سابىق ۋاراتار گاۋ خۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ خىتاي كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىدە ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشىپ كېتەلىشىگە ئۈمىدى زور ئەمەس بولۇپ، ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: "خىتاي ئاياللار كوماندىسى سەرخىل كوماندا ئەمەس. جىسمانىي جەھەتتىن ئۇلار گېرمانىيە كوماندىسىغا، تېخنىكا جەھەتتە برازىلىيە كوماندىسىغا يەتمەيدۇ. خىتاي كوماندىسى ئالاھىدىلىكى يوق ئادەتتىكى بىر كوماندىغا ئايلىنىپ قالدى. " (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.