قازاقىستان ئىككى نەپەر خىتاي تەنھەرىكەتچىنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلماقچى


2008.03.09

قازاقىستان ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئالمۇتىغا كېلىپ يەرلىشىشنى خالىغان خىتاينىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرلىرىدىن 22 ياشلىق يۇ مەيلى بىلەن 15 ياشلىق چوڭلىننى قازاقىستان پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى قازاقىستان دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلغان ئىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى خىتاي قىز تەنھەرىكەتچى خۇنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن بولۇپ، يۇ مەيلىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، قازاقىستان ئۈچۈن نەتىجە قازىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان. ئەمما، 15 ياشلىق چوڭلىننىڭ بولسا، ھازىرچە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ياش ئۆلچىمىگە توشمايدىكەن.

مەزكۇر ئىككى خىتاي تەنھەرىكەتچى خىتاي كوماندىلىرىدا مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى قازاقىستاندا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان رۇسىيە، گرۇزىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم مەشھۇر تەنھەرىكەتچىلەرنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى قازاقىستانغا ۋاكالىتەن خەلقئارا مۇسابىقىلارغا قاتناشتۇرغان، قازاقىستان تەنھەرىكەت ساھەسى چەتئەل تەنھەرىكەتچىلىرىنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا نەتىجە قازىنىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.

شۇ سەۋەبتىن قازاقىستان مەزكۇر ئىككى نەپەر خىتاي تەنھەرىكەتچىگە مەخسۇس ئۆي، مائاش، يېمەك - ئىچمەك ھەم مەخسۇس تەرجىمان ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. بىراق، بۇلارنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىلاردا ھەقىقەتەن چېمپىيون بولۇپ، قازاقىستان ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈشى ھەققىدە سۆز ئېچىش ھازىرچە بالدۇر ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.