ئافېنادا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئېتىلغان راكىتا خىتايدا ياسالغان


2007.01.15

ئۆتكەن ھەپتە، گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنادىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا ئېتىلغان راكىتانىڭ خىتاينىڭ راكىتاسى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئېغىر ئەھۋالدا قويدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئافېنادىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا 40 مىللىمېتىرلىق بىر راكىتا ئېتىلغان، لېكىن ھۇجۇمدا ھېچ كىشى يارىلانمىغان ھەمدە بۇ ھۇجۇم چوڭ بىر ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ئىدى.

گرېتسىيە ساقچى دائىرىلىرى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن راكىتانىڭ، 1974‏- يىلى خىتايدا ياسالغان ۋە ھازىرغىچە گرېتسىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلمىگەن راكىتا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم گرېتسىيىدىكى يەرلىك بىر تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

گرېتسىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورال سودىسىغا جىددىي ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قورال سودىسىدا مۇستەقىل دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىش پرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، دېدى.

ليۇ جەنچاۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن راكىتانىڭ خىتايدا ياسالغان راكىتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەرگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، لېكىن ھازىرغىچە بۇ ھەقتە گرېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن رەسمىي بىر ئۇچۇر كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.