ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكۈر ھەربىي قوراللار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ


2007.05.25

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلارغا داۋاملىق كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان ئۆتكۈر ھەربىي قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا ھەرىكەتچان ماشىنا ئۈستىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان شۇنداقلا يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بارغانچە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. چۈنكى بۇ بومبىلار بىلەن ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى نىشانلارغا زەربە بەرگىلى بولىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى باشقا دۆلەتلەرگە روشەن دەرىجىدە تەھدىت، دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ يادرو سۇ ئاستى كېمىلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئامېرىكىنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، ئامېرىكا تۇپرىقىنى نىشانغا ئالالايدىغان شەرق شامىلى 31 ئا بەلگىلىك قىتئەلەر- ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېيتىس، پەيشەنبە كۈنى بەش بۈرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزگەن مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلارغا داۋاملىق تۈردە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،" ئامېرىكا خىتاينىڭ تېخىمۇ ئوچۇق - ئاشكارە بولۇشىنى ۋە خىتاي ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مەقسىدى ۋە ئىستىراتېگىيىسى تېخىمۇ ئاشكارە تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، " دىدى.

خىتاي بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتىنى 43 مىليارد دوللار، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن غەربلىك ھەربىي كۈزەتكۈچىلەر، ھەربىي خام چوتنىڭ ھەقىقى سانى بۇنىڭدىن 2 - 3 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۈمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.