" تالىبانلار خىتاينىڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ"


2007.09.04

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرى تالىبانلارنىڭ خىتايدا ياسالغان قوراللار بىلەن ئافغانىستاندىكى ئەنگىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان مەخپىي سۆھبەتتە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بولسا ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن.

ئافغانىستاندىكى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى يېقىندىن بېرى تالىبانلار بىلەن ئېلىپ بارغان بىر قانچە قېتىملىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن ، تالىبانلار جەڭ مەيدانىغا تاشلاپ كەتكەن قوراللارنىڭ خىتايدا ياسالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلارنى خىتايدا ياسالغان قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ بىر ئەمەلدارى يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سۆھبەتتە ئەنگىلىيىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ قورال - ياراقلار ئېكسپورتىدا خىتاي قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا قەتئىي بويسۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. تالىبانلار يېقىندىن بېرى قولىدىكى قوراللارنىڭ ناھايىتى سەرخىللىقىنى كۆز - كۆز قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ قوراللارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلماقتا ئىدى. بەزى ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى، تالىبانلارنىڭ قولىدا خىتايدا ياسالغان نازۇك تېخنىكىلىق قوراللارنىڭ بارلىقىنى، بۇ قوراللار يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك، راكىتا ۋە بومبا زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە،" پاكىستاندىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ھەربىي ياراقلار بىلەن تەمىنلەش خىتاي ئۈچۈنمۇ ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلار پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى 'شىنجاڭلىقلار" نى قوغلاپ چىقارغانلىقىدىن ئۆچ ئالىدىغان نىشان بولۇپ كەلدى" دەپ يازدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.