جوڭگو ھىزبۇللاغا قورال - ياراق ئېكسپورت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا -شەرقتىكى ئالاھىدە ۋەكىلى سۈن بىگان، جوڭگو ھىزبۇللاغا ھېچقاچان قورال - ياراق ئېكسپورت قىلىپ باقمىدى دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئۇ، خىتايدا ئىشلەنگەن قوراللارنى ھىزبۇللاغا 3 - بىر تەرەپنىڭ بەرگەن بولۇش مۈمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمىدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئىسرائىلىيە - لىۋان ئۇرۇشى جەريانىدا ھىزبۇللانىڭ قولىدىكى قوراللارنىڭ ئىراندىن كەلگەنلىكى، لېكىن جوڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. سۈن بىگان سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا "مېنىڭچە لىۋان - ئىسرائىلىيە ئۇرۇش مەيدانىدا جوڭگو قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار توغرا ئەمەس،" دەپ تەكىتلىگەن ۋە "جوڭگو ھىچ بىر تەشكىلات، گۇرۇھ ۋە سىياسى پارتىيىنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى،" دەيدۇ.

ھىزبۇللانىڭ 14 - ئىيۇل كۈنى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كېمىسىگە ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدا 4 ئىسرائىلىيە دېڭىز ئەسكىرى ئۆلدى. سۈن بىگان "جوڭگونىڭ سىياسىتى بويىچە بىزنىڭ ھىزبۇللاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس،" دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 802 – C بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ خىتاي تېخنىكىسى بىلەن ياسالغانلىقىنى جاكارلىغان.

سۈن بىگان، قوراللارنىڭ 3 - بىر دۆلەتتىن ھىزبۇللاغا ئېكسپورت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمىدى. لېكىن خىتايلار بۇ ۋەقە ئۈستىدىن ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارمىغان.