پاكىستاننىڭ رادىكال دىنىي ئوقۇغۇچىلىرى شەنبە كۈنى ئۆزلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان 6 سى خىتاي 9 كىشىنى قويۇپ بەردى. خەۋەرلەردە ئاشكارلىنىشىچە، ئىسلام ئابادتىكى ئوقۇغۇچىلار، خىتايلار تەرىپىدىن ئېچىلغان بىر ماساجخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ماساجخانىنىڭ ئادەملىرىنى قىزىل مەسچىتىگە قاماپ قويغان.
گۆرۈگە ئالغۇچىلار ماساجخانىنىڭ ئەمىليەتتە پاھىشخانا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پاكىستاندىكى مەشھۇر قىزىل مەسچىتنىڭ باياناتچىسى، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ماساجخانىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتۇپ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قىزىل مەسچىتنىڭ مۇرىتلىرى ھېسابلانغان ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرى پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئىسلام قانۇنىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىسلام دىنىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ماساج قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، ماساجنى باھانە قىلىپ، شەھۋانىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ گۇناھ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
رويېترس ئاگېنتلىقى پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ تالىبان ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان شۇنىڭدەك تالىبان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم، ئۆزلىرى شەھۋانە دەپ قارىغان ھەر خىل بەزمەخانا ھەمدە كىنوخانىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئارىدا مەتبۇئاتلاردا يەنە ئۈچ خىتاي ئىشچىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە دۆلىتىدە گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
يېىقىندىن بۇيان چەتئەللەردە ھەر خىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايلار، جايلاردىكى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنماقتا.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئالجىريىدىكى بىر خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ 9 خادىمى گۆرۈگە ئېلىنىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىنىپ قۇتقۇزۇۋىلىنغاندىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)