رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوۋ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ 2005 - يىلى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مەشقى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشمە ھەربىي مەشقنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسىدە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قايسى يېرىدە ۋە قاچان ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىلمىگەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى سېرگېي ئىۋانوۋنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ھەر يىلى خىتايغا سېتىپ بېرىدىغان قوراللىرىنىڭ مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
خۇ جىنتاۋ سېرگېي ئىۋانوۋغا قىلغان سۆزىدە، "بىز رايوننىڭ ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز" دەپ بىلدۈردى.
1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشنى چەكلىگەن ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە رۇسىيە ئىزچىل تۈردە خىتايغا ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى سېتىپ كەلدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوۋ دۈشەنبە كۈنى يەنە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۋەن ۋە مۇئاۋىن رەئىس گو بوشيوڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. (پەرىدە)