پۇتىن موسكۋادا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
2005.09.07
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي پەللىگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن ساۋگۇئاڭچۈئەنگە "ئىككى ھەپتە ئاۋالقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
رۇسىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن بۇنىڭ ئالدىدا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوف بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. ئۇلار ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي تېخنىكا ۋە ھەربىي قورال- ياراقلار سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. كۆزەتكۈچىلەر، ساۋ گۇئاڭچۈئەننىڭ بۇ سەپىرىدە رۇسىيىدىن بىر قاتار ئىلغار قوراللارنى سېتىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي مانېۋىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ
- خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا
- خىتاي بىلەن رۇسىيە پات ئارىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ
- خۇ جىنتاۋ بىلەن پۇتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ رۇسىيىنى زىيارەت قىلدى