ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش چارشەنبە كۈنى خىتاينى تەيۋەندىن ئۆلگە ئېلىپ دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىككە چاقىرغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، جەنۇبىي كورىيىنىڭ بوسان شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، ئىستراتېگىيىلىك شىرىكلىك، بىخەتەرلىك ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىككى دۆلەت رەھبىرى جۈمە كۈنى بوساندا ئېچىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ دەم ئېلىش ئارىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. ۋلادىمىر پۇتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا موسكۋا "خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ مىللىي مەنپئەتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدىن شۈبھىلەنمەيدۇ " دېگەن.
خۇ جىنتاۋنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىل خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان يىل ئىكەن. ئۇ، " بىز ئىستراتېگىيىلىك شىرىكلىكىمىزنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشكە تەييار،" دەيدۇ.
رۇسىيە بىلەن خىتاي، بۇ يىل 7 - ئايدا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئاستانىدا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان. 8 - ئايدا ئىككى دۆلەت سەندوڭدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.
رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى سېرگېي پرىخودكونىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن كېلەر يىلى باھاردا رۇسىيە مەدەنىيەت بايرىمى ۋە 6 - ئايدا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا خىتاينى 2 قېتىم زىيارەت قىلىشنى ئويلايدىكەن. (ئەركىن)