رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
2006.11.09
رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل يېفىموۋىچ فرادكوۋ ، بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئاساسلىق تېما ھېسابلىنىدىكەن.
فرادكوۋ پەيشەنبە كۈنى، بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە قول قويغان. فرادكوۋ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپ، 8 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىگە قول قويغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ سالغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
بۇ ئارىدا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، رۇسىيە بىرلىك ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلىپ، فرادكوۋ خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ، مەزكۈر شىركەتنىڭ، خىتاينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى بىلەن رۇسىيىنىڭ خىتايغا ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئېكىسپورت قىلىشقا ئائىت كېلىشىمگە قول قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئېنېرگىيىنى ئاساس قىلغان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ، تېخنىكا ۋە مەدەنيەت ساھەلىرى بۇيىچە كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ CITIC شىركىتى قازاقىستاندىكى كانادا نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالماقچى
- خىتاي -تۈركمەنىستاندىن نېفىت گازى ئىمپورت قىلىش گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىدى
- ئاتاسۇ-ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى سودا خاراكتېرىدىكى نېفىت ئىمپورتىنى رەسمىي باشلىدى
- جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئالتايغا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزماقچى
- رۇسىيە ئالتاي ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئى گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى