ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيوروىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۈئەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىگە باشلامچىلىق قىلىپ، 25- ماي كۈنى موسكۋادا باشلانغان ئىككى كۈنلۈك خىتاي –رۇسىيە سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈئەن ۋە رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، رۇسىيە دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
ۋاڭ لېچۈئەن سۆزىدە خىتاي كومپارتىيىسىگە ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە رۇسىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داغدام تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى رۇسىيە-خىتاي سىياسىي پارتىيىلەر مۇھاكىمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە رۇسىيىدە داۋاملىشىۋاتقان خىتاي يىلى پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ مەزكۇر مۇھاكىمە ئارقىلىق رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭ لېچۈئەن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پارلامېنتىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىۋاتقان پارتىيە بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.
ۋاڭ لېچۈئەن رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ باشلىقى ۋە ھاكىمىيەتتىكى رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى گلېزنوف بىلەن كۆرۈشكەن.
بىراق، خەۋەردە، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ دۆلەت دۇماسىدىكى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان-ئۇچراشمىغانلىقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيەلمىگەن بولۇپ، ئەكسىچە ئۇ ھاكىمىيەتتىكى رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنى ھەمكارلىشىش ئوبيېكتى قىلغان.
رۇسىيە دېموكراتلىرى خىتاينىڭمۇ رۇسىيىگە ئوخشاش كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھاكىممۇتلەقلىققە خاتىمە بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئۈمىدۋار)