ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھىيلىسى
2008.02.12
رۇسىيە - خىتاي بىرلىشىپ ئامېرىكىنى ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشقا قىستاۋاتاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ۋاشىنگىتون دائىرىلىرى بۇ خىل پىكىرنى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن قوللانغان دېپلوماتىك ھىيلىسى دەپ قارىغان.
جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف، ئەگەر ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىلىدىغان قورال -ياراقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش چەكلەنمىسە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ شۇنداق بىر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلىشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمىنى رەت قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب بولسا، بۇ خىل كېلىشىم پەقەت ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تېخنىكا تەرەققىياتىنى چەكلەشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئەكسىچە بۇ خىل كېلىشىم خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىش ۋە ياكى سۈنئىي ھەمراھلارنى بىر ھەربىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىدىغان قورال - ياراقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى چەكلەش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش ئىدىيىسى، 2003- يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1972- يىلى تۈزۈلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش شەرتنامىسىدىن ۋاز كېچىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا كەلگۈچە بۇ خىل كېلىشىمگە قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۇتىن غەربنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى : ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ
- ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى
- ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى داۋاملاشماقتا
- ئىككىنچى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيلىك دىئالوگى باشلاندى
- ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە سۆھبىتى ئاخىرلاشتى
- ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
- " خىتاي ئامېرىكىدىن دالاي لاما سەۋەبىدىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ "