تۈنۈگۈن ئەنگىلىيىدە ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، گەرچە خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تىلغا ئېلىنغان بەلگىلىمىلەر تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەر يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دەپ بايان قىلىندى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ لوندوندىن بايان قىلىشىچە، ئەنگىلىيە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينى تىبەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتىدۇ، دەپ تەنقىدلىدى.
رۇسىيىنى بولسا مۇخبىرلارغا زىيانكەشلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى بولسا ئاياللارنى كەمسىتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگىلىيە دائىرىلىرى بۇ دوكلاتىدا، خىتاينى تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان. (ۋەلى)