سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
2006.01.17
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەرەپلەر سەئۇدى پادىشاھىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا نېفىت ۋە ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ 1990 - يىلى سەئۇدى - خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بېرى تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالغۇسى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كۇڭ چۈەننىڭ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا تەكىتلىشىچە، پادىشاھ ئابدۇللا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت مىنىستىرى نائىمنىڭ زىيارىتى 22 - يانۋاردا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئەمما كۇڭ چۈەن ، نائىمنىڭ پادىشاھ ئابدۇللاغا ھەمرا بولۇپ كېلىدىغان -كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، دەيدۇ. ئۇ، "ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە نېفىت مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپكە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن" دېدى.
خىتاي دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىن قالسا 2 - چوڭ نېفىت ئىستىمال دۆلىتى. سەئۇدى ئەرەبىستان - خىتاي سودا مۇناسۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېز كۆپەيمەكتە. كۇڭ چۈەن، 2005 - يىلنىڭ دەسلەپكى 11 ئېيىدا سەئۇدى - خىتاي سودا ھەجىمى 14 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سەئۇدى ئىچكى كابىنتى يېقىندا نېفىت مىنىستىرى نائىمغا خىتاي بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاش ھوقۇقى بەردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي كېلەر يىلى مۇھىم بىر نېفىت كېلىشىمىنى ئىمزالىماقچى
- رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشتى
- خىتاي شىركىتىنىڭ ئېكسان موبىلنى سېتىۋېلىش تەكلىپى رەت قىلىندى
- رۇسىيە بىلەن خىتاي قازاقىستاننىڭ نېفىتىنى تالاشماقتا
- خىتاي كومپارتىيىسى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - ئومۇمى يىغىنى ئېنېرگىيە كرىزىسى مۇزاكىرە قىلدى