خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى پيوڭياڭغا يېتىپ كېلىپ شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنى شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىل ئايرودرومدا كۈتۈۋالغان شۇنداقلا ئۇنى قارشى ئېلىشقا 100 مىڭ كىشى سەپەرۋەر قىلىنغان. خۇ جىنتاۋ ئايرودرومدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ كىم جۇڭئىل ۋە شىمالىي كورىيە ئەمگەك پارتىيىسى رەھبەرلىكى ئاستىدا، تېخىمۇ زور تەرەققىيات ۋە ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بىر چاغدا ئېلىپ بېرىلدى.

شىمالىي كورىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىرتىدا قالغان بىردىن بىر دۆلەت ئىدى. شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 دۆلەت سۆھبىتى كېلەر ئايدا بېيجىڭدا داۋاملىشىدۇ.

خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ھەر ئىككى تەرپ ھازىرغىچە خۇ جىنتاۋ بىلەن كىم جۇڭئىل ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغۈئان سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر سۆھبەت تېمىسى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى يادرو قوراللار مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)