ب د ت دوكلاتى: خىتاي سودا ۋە تەرەققىيات جەھەتتە دۇنيادا 51 ئورۇندا تۇرىدۇ


2005.11.03

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى 110 دۆلەتنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى باھالاپ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تەرەققىياتى دۇنيا بويىچە ئاران 51 ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتى، دۆلەتلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سەھىيە ۋە مائارىپ چىقىملىرى، ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ، ئوتتۇرىچە سودا بېجى ۋە پۇقرالارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ئەھۋالى ۋە ئوتتۇرىچە ئۆمرى قاتارلىق ئامىللار بويىچە دۆلەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ رەتكە تىزغان.

بۇ تىزىملىكتە دانىيە بىرىنچى ئورۇننى، ئاندىن كېيىنكى ئورۇنلارنى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئىگىلىگەن. ئۆتكەنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىقتىساتىي تەرەققىيات سۈرئىتى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ، بۇ تىزىملىكتە خىتاي 51 - ئورۇنغا قويۇلغان.

مۇتەخەسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ تىزىملىكتە نىسبەتەن تۆۋەن ئورۇننى ئىگىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەلنىڭ ھەددىدىن يۇقىرى بولۇشى ۋە تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا بولۇپمۇ مۇھىت بۇلغىنىشى، بايلىقلارنىڭ ئىسراپچىلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىنىڭ يوقىلىشى قاتارلىق جەھەتتە تۆلەنگەن بەدەللەر تولىمۇ يۇقىرى، بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارغا قىلغان غەمخورلىقى تولىمۇ يىتەرسىز ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.