ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ۋانۇئاتۇنىڭ باش مىنىستىرى خىتاي ئەلچىسىنى ئۇرغان

خىتاينىڭ ۋانۇئاتۇدىكى باش ئەلچىسى باۋ شۇشىڭ، ۋانۇئاتو باش مىنىستىرى سېرگىي ۋوخورنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ سىرتىدا ئۆزىنى ئۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەلچىسى باۋ شۇشىڭنىڭ يەكشەنبە كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، سېرگىي ۋوخور ئۇنىڭ بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىدە جىدەللىشىپ قالغان. ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئۇ تەيۋەننىڭ بايرىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە تەيۋەننىڭ ۋاقىتلىق ئەلچىخانىسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بىر مېھمانخانىغا ئېسىقلىق تۇرىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت مەجلىسىگە بارغان. بىراق، ۋوخور بىنانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇشتى بىلەن ھەيۋە قىلىپ، توساتتىنلا ئۇنىڭ سول مۆرىسىگە بىر مۇش سالغان.

خىتاي ئەلچىسى باۋ شۇشىڭ بۇنىڭ خىتايغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، نېمە ئۈچۈن ۋەقەنى ساقچى دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلمىغانلىقىنى ئېيتمىغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋانۇئاتۇنىڭ باش مىنىستىرى سېرگىي ۋۇخۇر تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدىكى ئەھدىنامىگە ئۆز ئالدىغا قولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، تەختتىن چۈشۈش خەۋپىگە دۈچ كەلمەكتە. ۋانۇئاتۇ ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە باش مىنىستىر سېرگىي ۋۇخۇرنىڭ تەيۋەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىسىنى بىكار قىلىپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلغان.

ۋانۇئاتۇ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى بىر كىچىك ئارال دۆلىتى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان خىتاي ۋە تەيۋەن دائىرىلىرى مەزكۇر ئارال بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەتلەشكەن. (ئارزۇ)