بېيجىڭ ئامېرىكا ئېلان قىلغان دوكلاتنى "خىتاي تەھدىتى" نى مۇبالىغە قىلىۋەتكەن دەپ ئەيىبلىدى
2007.05.28
دۈشەنبە كۈنى (28- ماي) خىتاي، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئىنتايىن نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بەش بۇرجەكلىك بىنانى "خىتاي تەھدىتى" نىڭ ئاساسسىز ۋەھىمىسىنى ئۇلغايتتى، دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پەنتېگان (بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىش سەۋەبىنىڭ ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار سىېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ۋە بېيجىڭنىڭ سىياسىي رەقىبى تەيۋەننىمۇ شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ، خىتاي تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: "ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ۋە ھەربىي سىېلىنمىسىنى مۇبالىغە قىلغان بولۇپ 'خىتاي تەھدىتى نەزىريىسى' نى تارقاتقان" دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 28 - مايدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشچە، ئۇ باياناتىدا يەنە، خىتاينى "تىنچلىق سۆيەر دۆلەت" دەپ كۆرسەتكەن ۋە ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز تۇپرىقىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز باياناتىدا، ئامېرىكىنى تەيۋەن ئارىلىدىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرگە "خاتا سىگنال" بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.
ئەمما پەنتېگان دوكلاتىدا، گەرچە خىتاي ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى شىددەت بىلەن كېڭېيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەيۋەنگە غەلىبىلىك ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
بۇ يىل مارتتا خىتاي 2007 - يىلدا ھەربىي ھازىرلىقلار خام چوتىنى 17.8 پىرسەنت، يەنى 350.92 مىليارد يۈەن ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.(جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكۈر ھەربىي قوراللار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ
- قانۇن چىقارغۇچىلار ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتتى
- ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگى ئاخىرلاشتى، ئەمما مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت
- خىتاي ھازىر ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلدىغان بومبا تەرەققى قىلدۇرماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ھۇجۇم قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى قوللىمايدۇ
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تېرورچىلىقنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى