خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لوندوندا پارتلىغان بومبا خىتايدا ياسالمىغانكەن


2005.07.22

خىتاي ھۆكۈمىتى 7 - ئىيۇلدا يۈز بەرگەن لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسىدە تېرورچىلار قوللانغان پارتلاتقۇچ دورىنىڭ خىتاي ھەربىي كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىرىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسرائىلىيىدىكى ئاخبارات ئورگىنى موسساد، ئەنگىلىيە دائىرىلىرىگە تېرورچىلار 7 - ئىيۇلدىكى لوندوندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئىشلەتكەن پارتلاتقۇچ دورىسىنىڭ، 2003 - يىلى 4 - ئايدا تېلئاۋىفتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە قوللانغان پارتلاتقۇچ دورا بىلەن ئوخشاشلا خىتايدا ياسالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تېلئاۋىفتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە 3 ئادەم ئۆلگەن، 60 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، خىتاي ھەربىي كارخانىلىرىدا بۇ خىلدىكى قوراللارنى ئىشلەپچىرىش سېخى ياكى تەجربىخانىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى. كوڭ چۈئەننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھەربىي كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىرىلىۋاتقان ۋە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان پارتلاتقۇچ دورىلارغا، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماددىلار ئىشلىتىلمەيدىكەن.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوڭ چۈئەن ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ قارىشىنى "ئاساسسىز پەرەز" دەپ تەنقىدلىگەن. ئەمما ئىسرائىلىيىدىكى بىر گېزىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پارتلاتقۇچ دورا بېيجىڭ ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي كارخانىدا ئىشلەپچىقىرىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.