خىتايدا ياسالغان سەككىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تېررورچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېلىپ كەلگەن دېگەن قانداق مەسىلە؟
2007.12.05
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان 'ئوكاز گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىدە ئەلقائىدىچىلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتىدە 208 نەپەر تېررورچىنى قولغا ئالغان.
تېررورچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بولمىغان بەزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خىتايدا ياسالغان مۆرىگە ئېلىپ ئاتىدىغان ھەجمى كىچىك باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن سەككىزنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان ئىدى. بۇ قوراللار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھاۋا قاتنىشىغا تەھدىت كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇ ئۇچۇرنى 'ئىشەنچىلىك بولماسلىقى مۇمكىن' دەپ رەت قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇلۇق ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى تەيۋەنلىك لياۋ ۋېنجۇڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە "خىتاي 'قىزىلبايراق ئۈچ' بەلگىلىك 100- 200 ئادەم ئىدارە قىلىدىغان كېلەڭسىز باشقۇرىدىغان بومبىدىن كېيىن، ئولترا نۇر تېخنىكىسى قوللىنىلغان 'قىزىل پۇپۇك بەش' بەلگىلىك مۆرىگە قويۇپ ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئوققا تۇتۇش دائىرىسى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، ئۇ ھەم 3000 مېتىر ئىگىزلىكتىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ.
غەرب دۆلەتلىرى بۇنداق ئالىي تېخنىكىلىق قوراللارنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە" دەپ بايان قىلدى. خوڭكوڭدىكى ھەربى ئىشلار تەتقىقاتچىسى ما دىڭشېن بولسا 'خەلقئارا قانۇن بۇيىچە خىتاي بۇ مەسىلىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك'دەپ كۆرسەتتى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كاندىلىزا رايس: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن
- ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
- مىسىر ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرىق بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشماقچى
- سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى قايتا باشلاندى
- ۋاتىكان پوپى بەنىدىك XVI بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا تۇنجى قېتىم سۆھبەتلەشتى
- ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا خىتايدا زىيارەتتە
- كوندالىزا رايس ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى خادىملىرى تېنچلىق ۋەكىلى بىلايېر بىلەن ئۇچراشتى
- ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 250 تۇتقۇننى قويۇپ بېرىدۇ