خىتاي، سانت لۇكىئا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىلانىنى ئەيىبلىدى


2007.04.26

سانت لۇكىئا تەيۋەن بىلەن ئوچۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ پىلانى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، كارىپ دېڭىز قولتۇغىدىكى دۆلەتلەر چوقۇم بىر خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

شۇ جاي ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچياۋ: "دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاي بار. تەيۋەن بولسا خىتاينىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى. سانت لۇكىئا پەقەت بېيجىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز دېگەن ۋەدىسىنى ئاقلىشى كېرەك دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 26 ‏- ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، سانت لۇكىئا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، رۇفۇس بوئۇسقۇئەت سەيشەنبە كۈنى سانت لۇكىئانىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

1949 - يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كىيىن تەيۋەن بىلەن خىتاي ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆز زىمىنىز دەپ قاراپ، تەيۋەننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھوقۇقى يوق دەپ كەلگەن ئىدى. "تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاينى پارچىلاش پائالىيەتلىرى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلدى، ‏- دەيدۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچياۋ، ‏- بىز ئانا ۋەتەننىڭ پارچىلىنىشىغا قاتتىق قارشى. بۇنداق ئۇرۇنۇشلار مەڭگۈ نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ." (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.