خىتاي كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى


2008-02-20
Share

بۈگۈن 2 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىر كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ 'تەيۋەننىڭ كوسوۋانى ئېتىراپ قىلىش - ياكى قىلماسلىق ھوقۇقى يوق، بۇنداق مەسىلىدە پەقەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭلا قارار قىلىش ھوقۇقى بار' دەپ جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 3 ‏- ئاينىڭ باشلىرىدا كوسوۋادا تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى پىلانلىغان ساقچىلىرىنىڭ سانى 15 ئەر، ئۈچ ئايال. بۇ ساقچىلار ھازىر خىتايدا ئېنگىلىز تىلى، ئېتىش، ئاپتوموبىل ھەيدەش، جىنايەت دېلولىرى تەكشۈرۈش، قاتناش باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي تەربىيىلىنىۋاتقان 70 مىڭ كىشىنىڭ ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان ساقچىلار ئىكەن. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت