خىتاي ھىندىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى دالاي لاماغا ئارتتى


2007.10.12

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، جۈمە كۈنى يەنە ھىندىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى دالاي لاما كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىبلىدى.

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھىندىستاندىكى ئەلچىخانىسى 30 دەك تىبەتلىك نامايىشچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازا ۋە تېمىغا " تىبەتكە ئەركىنلىك" دېگەن قىزىل خەتلەرنى يازغان ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تىبەتكە لاما سايلىغاندا چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى ئېلىنىشى كېرەك، دېگەن بەلگىلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، "دالاي لاما گۇرۇھى جۇڭگونىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق، ئىغۋاگەرچىلىك ۋە ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىشتا ھەر بىر پۇرسەتتىن پايدىلانماقچى " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە، بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ۋە ھىندىستان تەرەپنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە يول قويماسلىقىنى شۇنداقلا ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى ئېغىر جازالاشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

دالاي لاماغا ئالتۇن مېدال بېرىش مۇراسىمى 17 ‏- ئۆكتەبىردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. پەيشەنبە كۈنى دالاي لاما نيۇ يورك شەھىرىدىكى بىر يىغىن زالىدا قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلدى. ئاقساراينىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، دالاي لاما ۋاشىنگتونغا كەلسە، پرېزىدېنت بۇش ئۇنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.