تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى


2007.07.03

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوف ئىيۇل ئېيىنىڭ 16‏- كۈنىدىن 18‏- كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولماقچى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئاساسلىقى، ئۆتكەن يىلى تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي 30 يىل ئىچىدە تۈركمەنىستاندىن 30 مىليارد كۆپ مېتىر تەبئىي گاز سېتىۋالىدىكەن.

بەردىمۇھەممەدوف، خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ تۈركمەنىستان - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركمەنىستان بۇرۇنقى سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا، رۇسىيىدىن كېيىن، ئەڭ كۆپ تەبئىي گاز زاپىسىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ تەبئىي گاز زاپىسى رايوننىڭ سىياسىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تۈركمەنىستاندىن تەبئىي گازىنى دۇنيا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيىدىن باشقا يوللار ئىزدىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن تۈركمەنىستان ماي ئېيىدا رۇسىيە بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالاش ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى ھەيران قالدۇردى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.