خىتاي ئۇكرائىنىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ قورال خېرىدارىغا ئايلاندى


2005.01.02

خىتاي ئۇكرائىنىيە بىلەن ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئاكتىپ ھالدا كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇكرائىنىيىنىڭ ئىككىنجى چوڭ قورال خېرىدارىغا ئايلانغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى باشقا يەرلەردىن سېتىۋالالمايدىغان ئىلغار تىپتىكى ھەربىي تېخنىكلار ۋە قوراللارنى ئۇكرائىنىيىدىن سېتىۋالماقتا.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن، ئۇكرائىنىيىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان ھەربىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە قورال ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى قېلىپ قالغان. ئۇكرائىنىيە بۇ ئاساسىي بىلەن خەلقئارا قورال بازىرىدا بارغانسىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، گەرچە رۇسىيە ئۇكرائىنىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال خېرىدارى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۇكرائىنىيىدىن ھەربىي تېخنىكىلارنى ئىمپورت قىلىش جەھەتتە رۇسىيىدىن ئېشىپ چۈشكەن. چۈنكى، ئۇكرائىنىيە خىتايغا قورال سېتىپ بەرگەندە ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمايدىكەن. ھالبۇكى خىتايغا قورال ئېكىسپورت قىلىدىغان رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە تەھدىد بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىشتە نۇرغۇن چەكلىمە قويىدىكەن.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇكرائىنىيە نۆۋەتتە خىتايغا ئىلغار قورال ۋە ھەربىي تېخنىكا سېتىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ھەربى مۇتەخەسسىسلىرىنى خىتايدىكى ھەربىي تەتقىقات ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.