خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دىن مەلۇم بولۇشىچە، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 'ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا مۇنبىرى' يىغىنىغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ئوكرائىنا، رۇسىيە، تۈركىيە، پاكىستان، ئىران قاتارلىق 21 دۆلەتتىكى 43 ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كېلىپ قاتناشقان.
بۇ يىغىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى لى يى، ئاپتونوم رايون مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇت، ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەر -ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى خۇخەنمېي قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش دېگەن تېما ئاستىدا "ھەمكارلىشىپ ئىناق ئاسىيا قۇرۇش" تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلغان ۋە يىغىن ئەھلىدىن 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خەۋەر قىلىشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.(ۋەلى)