ۋېيتنام دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۈچ قۇم شەھىرى تەسىس قىلغانلىقىنى تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئەيىبلىدى
2007.12.12
يېقىندا ۋېيتنام بىلەن خىتاي تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە باشلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا ۋېيتنامنىڭ خانوي، خۇزىمىن شەھىرى قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى.
ۋېيتنام تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى خىتاينىڭ ئۈچ قۇم شەھىرى تەسىس قىلغانلىقىنى تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي دائىرىلىرى بولسا ۋېيتنامدىن ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش ھەرىكەتلىرىنى توساشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭدىكى ئوبزورچى خې لياڭ ئەپەندى 'خىتاي يېقىندا خەينەن ئۆلكىسىدە تەسىس قىلغان 'ئۈچ قۇم شەھىرى' چوڭلۇقى جەھەتتە ئىككى مىليون كۋادرات كىلومېتر زېمىننى باشقۇرىدىغان دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. خىتاينىڭ بۇ شەھەرنى تەسىس قىلغانلىقى، ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھازىر ۋېيتنامدەك بىر كوممۇنىست دۆلىتىدە خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىشىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاز دېگەندە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ' دەپ مۇلاھىزە قىلغان. خۇزىمىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ ئەپەندى بولسا ئەمدى بۇ تالاش-تارتىشقا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ سۆزىدە 'خەلقئارا ئارىلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتايغا خەلقئارا قانۇننى سۆزلەش بىھۇدە ئىش' دەپ بايان قىلغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋيېتنام ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى
- شەرقىي دېڭىزدا پاراخوت سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي سۇ تەۋەلىكى سۆھبىتى باشلىدى
- ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- سەنكاكۇ ئارىلىنى قوغداش ئۈچۈن بارغان خىتايلار زەخمىلەنگەن كېمىسىنى ھەيدەپ خوڭكوڭغا قايتىپ كەلگەن
- خۇ جىنتاۋ ۋېيتنام بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكچى
- ياپونىيە خىتاينى شەرقىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇردى
- ياپونىيە خىتاينى "سۆھبەتنى قەستەن كەينىگە سۈرىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي تاقىم ئاراللار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى









